خەلقئارادىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2025-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-06 16:05
كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2025-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى جۇڭگونىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى نامايان قىلدى ھەمدە جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىنى تەڭ يارىتىشتەك سەمىمىي ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
جەنۇبىي ئافرىقا «دىپلوماتىيە چەمبىرىكى گېزىتى» نىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە قۇرغۇچىسى كېتان باخا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە: ئائىلە ئىشى بولسۇن، دۆلەت ئىشى بولسۇن ۋەياكى جاھان ئىشلىرى بولسۇن، خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئەڭ مۇھىم ئىش، دېدى. 2024-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ، خەلق ئاممىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى «رۇسىيە گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى چېرنىياك مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى يەتكۈزدى. جۇڭگو رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆتكەن بىر يىلدا قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 130 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن، جۇڭگونىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، سۈنئىي ئەقىل، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپ قاتارلىقلار تېز تەرەققىي قىلدى، بۇ ئۆزگىرىشلەر ھەممىمىزگە ئايان.
ئامېرىكا كۇئېن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روبېرت كۇئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يىراق كەلگۈسىنى ھەمدە جۇڭگودىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ ماڭا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلدى.
تايلاند-جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋىلۇن پىچاۋېڭپادى مۇنداق دەپ قارىدى: 2024-يىلى جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى، ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلاندى، جۇڭگو يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارىنىڭ جەنۇبىغا نەپ يەتكۈزدى. ئارزۇ گەرچە يىراق بولسىمۇ، قوغلاشساق يېتەلەيمىز، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۈشكۈل بولسىمۇ، چىڭ تۇرساقلا ئىشقا ئاشۇرالايمىز. مېنىڭچە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تىلىكى يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى.
نىگېرىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تاراتقۇ ياردەمچىسى تېمىتوپ ئاجاي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. جۇڭگو ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل، باراۋەر بولغان دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى، بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش كېرەك.
كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئىجابىي كۈچ قوشۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشىغا، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ۋېنگىرىيە ۋېنگىرىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ناجى يۇدىتې ئېۋا مۇنداق دېدى: 2024-يىلى 5-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىي بولۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى ھۈسەيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2025-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدىم، ئۇ جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تانزانىيەلىك ئالىم موگا ئانالۋىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى تىلغا ئېلىندى، جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىزچىل باراۋەر ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قاراپ كەلدى، 2024-يىلى جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى.
پېرۇلۇق ئىقتىسادشۇناس ئالېخاندېرو يىنداكوچېيا مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ پېرۇغا كېلىپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق تۈرى چانكاي پورتىمۇ رەسمىي ئېچىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت