يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىغا ھۇجۇم قىلدۇق دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-07 15:52
1-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى: ئىككى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تۆت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن قىزىل دېڭىزدىكى «خاررى ترومىن» ناملىق ئاۋىياماتكىغا ھۇجۇم قىلدۇق ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەمەنگە كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى مەغلۇپ قىلدۇق؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يافا ۋە ئاشكايلوندىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلدۇق، دېدى. قۇسەي قوراللىقلىرى شۇ كۈنى: ئەنگلىيە ھەربىي ئاخبارات ئورگىنى 6-باشقارمىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەغلۇپ قىلدۇق ھەمدە 2024-يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيە جاسۇسلۇق تورىغا قاراشلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى قولغا ئالدۇق، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار