ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كۇرسىك ئوبلاستىدىكى رۇسىيە قوماندانلىق ئورنىغا «دەل زەربە بەردى»، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا زەربە بەردى
ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ كۇرسىك ئوبلاستىنىڭ بېلايا رايونىغا جايلاشقان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 810-مۇستەقىل دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش لۈيىنىڭ قوماندانلىق ئورنىغا «دەل زەربە بەردى»، دېدى.
ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىش ۋە يېقىندا كۇرسىك ئوبلاستىدىكى رۇسىيە ئارمىيەسىگە قارىتىلغان بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى، ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھازىر رۇسىيە ئارمىيەسىگە يېڭى ھۇجۇم قوزغىماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئارمىيەسى پوكروۋسك، كۇراخوۋو قاتارلىق جايلاردا كەسكىن جەڭ قىلىۋاتىدۇ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كۇراخوۋونىڭ غەربىي شىمالىدىكى سلاۋيانكا، غەربىي جەنۇبىدىكى داچىنويې ۋە غەربىي قىسمىدىكى ئاندرېيېۋكا قاتارلىق سىرتقى مۇداپىئە لىنىيەلىرىدە رۇسىيە ئارمىيەسىگە داۋاملىق توسۇپ زەربە بېرىۋاتىدۇ.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر كۈن ئىچىدە، رۇسىيە قوراللىق قىسمىنىڭ ئاۋىياتسىيە قىسمى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى ۋە توپچى قىسىمى ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئايرودۇرۇمى، قورال-ياراق ئامبىرى قاتارلىق ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرگەن ھەمدە ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرى ۋە چەت ئەل ياللانما ئارمىيەسىنىڭ يىغىلىش نۇقتىسى ۋە قورال-ياراق ئامبىرىنى بىتچىت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسمى «خىمارس» ناملىق يۇقىرى ھەرىكەتچانلىققا ئىگە كاتيۇشا سىستېمىسى زەمبىرەك ئوقىدىن ئالتىنى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن 50 نى ئېتىپ چۈشۈرگەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت