ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە: رۇسىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۇكرائىنانىڭ 32 ئادەمسىز ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈردى، دېدى؛ ئۇكرائىنا: ئارمىيەمىز رۇسىيەنىڭ بىر نېفىت ساقلاش ئەسلىھەسىگە زەربە بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-09 15:36

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدىن 8-كۈنى سەھەرگىچە، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۇكرائىنانىڭ 32 ئادەمسىز ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ساراتوف ئوبلاستىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا 11 ئادەمسىز ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈردى، دېدى. رۇسىيە ساراتوف ئوبلاستىنىڭ باشلىقى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى: بۇ ئوبلاستنىڭ ئېنگېلس شەھىرىدىكى بىر كارخانا ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئىككى ئوت ئۆچۈرگۈچى قازا قىلدى، ئېنگىس شەھىرىدە جىددىي تەدبىر قوللىنىلدى، دېدى. ئۇكرائىنا تەرەپ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ساراتوف ئوبلاستىدىكى ئېنگېلس شەھىرىنىڭ بىر نېفىت ساقلاش ئەسلىھەسىگە زەربە بەردى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ماي ئىسكىلاتى رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى يېقىلغۇ ماي بىلەن تەمىنلىدى، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە: رۇسىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۇكرائىنانىڭ 32 ئادەمسىز ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈردى، دېدى؛ ئۇكرائىنا: ئارمىيەمىز رۇسىيەنىڭ بىر نېفىت ساقلاش ئەسلىھەسىگە زەربە بەردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدىن 8-كۈنى سەھەرگىچە، رۇسىيە