شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ھەربىي مانېۋىر رەسمىي باشلاندى، دېدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ھەربىي مانېۋىر رەسمىي باشلاندى، دېدى. بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنىڭ تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، رومىنىيە، بۇلغارىيە ۋە گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا توققۇز دۆلەتتىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتنىشىدۇ، مانېۋىر 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى