ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تاغ ئوت ئاپىتى داۋاملىق ئەدەپ كەتتى، كالىفورنىيە داشۆسىنىڭ لوس ئانژېلېس شۆبىسى ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلىشىش تەييارلىقىنى قىلىشقا ئەسكەرتتى
1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانژېلېستىكى نۇرغۇن جايلاردا تۇيۇقسىز تاغ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بارغانسېرى يامرىدى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ئوت كەتكەن كۆلەم تەخمىنەن 150 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، ئاز دېگەندە 11 ئادەم قازا قىلدى، 180 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چېكىندى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىمارەت ۋەيران بولدى، نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان بولدى.
ئامېرىكا ئېلېكتىر ئىز قوغلاش تور پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 غىچە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا 160 مىڭدىن ئارتۇق ئابۇنتنىڭ توكى توختىغان.
ئامېرىكا لوس ئانژېلېس ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى شۇ كۈنى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانژېلېستىكى پالىساندر ئوت ئاپىتىنىڭ كۆلىمى 90 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، پەقەت %11 ئوت كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، پالىساندر ئوت ئاپىتى شەرققە قاراپ يۆتكەلدى.
ئېتون ئوت ئاپىتىنىڭ كۆلىمى 57.1 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى، ئوتنىڭ %15 ئى كونترول قىلىندى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى يۈز بەرگەن ئارچېر ئوت ئاپىتى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىندى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كالىفورنىيە داشۆسىنىڭ لوس ئانژېلېس شۆبىسى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تارقاقلىشىشقا ياخشى تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ داشۆدە 46 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچكىچە، بۇ مەكتەپنىڭ ئەڭ يېڭى تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان دائىرە بىلەن بولغان ئارىلىقى ئازلا قالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، لوس ئانژېلېستىكى ئەڭ داڭلىق مۇزېيلارنىڭ بىرى بولغان گەيدى مەركىزى تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، مۇزېي ھازىر تاقالدى، نەق مەيداندا پەقەت جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىلا بار، ۋانگوك قاتارلىق سەنئەتكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىلدى.
باش ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس ئانجىلىس شەھىرى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھاراق-تاماكا ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى كالىفورنىيە ئىشتاتى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى، لوس ئانجىلىس ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ۋە لوس ئانجىلىس ساقچى ئىدارىسى قاتارلىق بىر قانچە ئورگاندىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، پالىساندردىكى ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى بىرلىكتە تەكشۈرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بايلىق توپلاپ، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا كۈچلۈك بوراننى باشتىن كەچۈرگەن مەزگىلدە يۈز بەرگەن بارلىق ئوت ئاپىتى ئارىسىدا باغلىنىش بار يوقلىقىنى تەكشۈرىدىكەن. لوس ئانژېلېس ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى: تەكشۈرگۈچىلەر چوقۇم پالىساندر ئوت ئاپىتى بىلەن ئېتون ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنى بېكىتىشى ھەمدە بۇ ئىككى قېتىملىق ئوت ئاپىتىنىڭ مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلىشى كېرەك، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت