ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا يۈز بەرگەن تاغ ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 16 ئادەم قازا قىلدى، 16 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىدى
ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تارمىقى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، لوس ئانژېلېس ناھىيەسىدىكى تۆت قېتىملىق تاغ ئوت ئاپىتىنىڭ كۆلىمى 160 كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئېشىپ، سان فرانسىسكو شەھەر رايونىدىنمۇ چوڭ بولغان. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاغ ئوت ئاپىتىدە 16 ئادەم قازا قىلغان، 16 ئادەم يوقاپ كەتكەن، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ يەنىمۇ كۆپىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ھازىر لوس ئانژېلېس ناھىيەسىدە جەمئىي 150 مىڭ ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 700 دىن ئارتۇق ئادەم ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇلاڭچىلىق ۋە ئوغرىلىق قىلمىشلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەچكە، بىر قىسىم مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇش رايونلىرىدا كېچىدە يۈرۈش مەنئىي قىلىندى. لوس ئانژېلېس ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى: لوس ئانژېلېستىكى تاغ ئوت ئاپىتى مەزگىلىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 29 غا يەتتى، دېدى. قولغا ئېلىشنىڭ سەۋەبى كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشقا خىلاپلىق قىلىش، قوراللارنى يوشۇرۇن ئېلىپ يۈرۈش ۋە زەھەرگە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئۆيگە كىرىپ چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت