رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكىيان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
رۇسىيە زۇڭتۇڭى تور بېكىتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن زىيارەتكە كەلگەن ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكىيان بىلەن 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى شەرتنامىسىنى ئىمزالايدۇ. سۆھبەت مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سودا، مەبلەغ سېلىش، تىرانسپورت ۋە ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەمدە رايون ۋە خەلقئارا مۇھىم مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل