خاماس غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، دېدى، ئىسرائىلىيە قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان تۇتۇپ قىلىنغانلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، دېدى
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: خاماس بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەت ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خاماس رەھبەرلىرى شۇ كۈنى پەلەستىندىكى باشقا گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ۋە كېڭىشىپ، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى، پەلەستىندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلىشىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: خاماس پەلەستىندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار بىلەن تاكى ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغۇچە ئالاقىنى ساقلايدۇ. ھازىر سۆھبەت ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە ئېنىق، ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاممىۋى سەھىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى: سەھىيە مىنىستىرلىقى قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان تۇتۇپ قىلىنغانلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دېدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) سۆھبەتلىشىۋاتقان كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە يارىلانغان پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 33 ئادەمنى قويۇپ بېرىدىكەن.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى