ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېستىكى ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا، تەخمىنەن 88 مىڭ ئاھالە مەجبۇرىي چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇپ ئالدى
ئامېرىكا بوران-چاپقۇننى ئالدىن مۆلچەرلەش مەركىزى بىلەن دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا كۈچلۈك «سانتا ئانا بورىنى» سەۋەبلىك ئوت ئاپىتى خەتىرىنىڭ «ئىنتايىن خەتەرلىك» سەۋىيەگە يەتكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. مۆلچەرلىنىشچە، كەلگۈسى 24 سائەت ئىچىدە لوس ئانژېلېس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا سائىتىگە 112 كىلومېتىرلىق قارا بوران چىقىدىكەن. بۇ ھازىرقى نۇرغۇن دالا يانغىنىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا يېڭى ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈچلۈك بوران ھاۋادىكى ئوت ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئەگەر بوراننىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 48 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسە، ئايروپىلان بىخەتەر ئۇچالمايدىكەن.
ئامېرىكا لوس ئانژېلېس ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇنا شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: كۈچلۈك بوران لوس ئانژېلېس تېغىدىكى ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدۇ، كېيىنكى 24 سائەت «ئىنتايىن خەتەرلىك». ھازىر تەخمىنەن 88 مىڭ ئاھالە مەجبۇرىي چېكىنىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، 84 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە چېكىنىش ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت