ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە رۇسىيە ئارمىيەسى دونېتسك رايونىدىكى ئىككى ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كونترول قىلدى دېدى، ئۇكرائىنا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، دېدى.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-15 15:31

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى دونېتسك رايونىدىكى ئىككى ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كونترول قىلدى، 180 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قارا دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئەنگلىيەدە ياسالغان «بوران سايىسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئىككىنى ئېتىپ چۈشۈردى. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە چېگراسى ئىچىگە 200 كىلومېتىردىن 1100 كىلومېتىرغىچە ئىچكىرىلەپ كىرىپ ھەربىي ئەسلىھەلەرگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلدى.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە رۇسىيە ئارمىيەسى دونېتسك رايونىدىكى ئىككى ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كونترول قىلدى دېدى، ئۇكرائىنا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى دونېتسك رايونىدىكى ئىككى ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كونترول قىلدى،