ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى
قاتارنىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە قاتار پايتەختى دوھادا ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ، مەزمۇنى ئۇرۇش توختىتىش، تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىن تەدرىجىي چېكىنىشى، سەرگەردان ئاھالىلەرنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى يۇرت-ماكانىغا قايتىشى ھەمدە غەززەگە بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، خاماس ئىسرائىلىيە قويۇپ بېرىدىغان پەلەستىنلىك تۇتۇپ قىلىنغانلارغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، تۇتۇپ قىلىنغان 33 كىشىنى قويۇپ بېرىدۇ.
ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى رامكىسىدىكى بىر قانچە مەزمۇن تېخى بېكىتىلمىدى، ئىسرائىلىيە شۇ كۈنى كەچتە تەپسىلاتنى بېكىتىشنى ئۈمىد قىلدى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن خاماس ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونى بىلەن مىسىر ئارىسىدىكى «فىلادېلفىيە كارىدورى»دىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆزگەرتىش تەلىپىدىن ۋاز كەچتى.
غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارمىقى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە 62 ئادەم قازا قىلدى، 253 ئادەم يارىلاندى، دېدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى