ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە داۋاملىق ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، خاماس تۇتۇپ قىلىنغانلارغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بار، دەپ ئاگاھلاندۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-17 10:00
ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە غەززەگە يەنىلا داۋاملىق ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى ۋە توپقا تۇتتى. غەززە سەھىيە تارمىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا 70 تىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس)قا قاراشلىق قوراللىق گۇرۇھ قاسان لۈسى شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يېڭى كېلىشىمگە ئاساسەن قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسرائىلىيەلىك تۇتۇپ قىلىنغانلارغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، دېدى.
ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرىدە: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋپسىزلىك كابىنېت يىغىنى ئېچىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تەستىقلايدۇ، دېيىلدى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئەسلىدە 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەۋپسىزلىك كابىنېت يىغىنى ئېچىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئاۋازغا قويماقچى بولغان ئىدى، بىراق ئارقىدىن يىغىن كېچىكتۈرۈلدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ شۇ كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى تۈرك ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بۇ قېتىمقى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ھەمدە كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. 
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە داۋاملىق ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، خاماس تۇتۇپ قىلىنغانلارغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بار، دەپ ئاگاھلاندۇردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە داۋاملىق ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى، خاماس تۇتۇپ قىلىنغانلارغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بار، دەپ ئاگاھلاندۇردى