ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا زەربە بەردى، دېدى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ ۋورونېژ ئوبلاستىدىكى بىر ماي ئىسكىلاتىغا ھۇجۇم قىلدۇق، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-17 10:09
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇرۇش ئەھۋالى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن بىر كېچە-كۈندۈز رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ھەربىي ئايرودۇرۇمى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش سېخى، قۇراشتۇرۇش ۋە ساقلاش ئورنىغا زەربە بەردى. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى باش ئىشتابى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى سەھەردە ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمى رۇسىيەنىڭ ۋورونېژ ئوبلاستىدىكى بىر ماي ئىسكىلاتىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ماي ئىسكىلاتىدا ساقلانغان يېقىلغۇ ئاساسلىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى
 
中央广播电视总台 央广网 版权所有