ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا 116 ئادەم قازا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-18 11:14
ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابىنېتى شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى. بۇندىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ 1-باسقۇچىدىكى بىر قىسىم پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تىزىملىكتە ئىسرائىلىيە تۈرمىسىگە قامالغان 95 ئايال ۋە بالا بار ئىكەن. غەززە سەھىيە تارمىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 46 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلغان.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى خاماس قويۇپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، غەززە چېگراسى ئەتراپىدا ئۈچ جايدا يىغىۋېلىش مەركىزى قۇردى. قويۇپ بېرىلگەنلەر يىغىۋېلىش مەركىزىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلىدۇ ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدۇ.
غەززە خەلق مۇداپىئە تارمىقى مۇنداق دېدى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن بۇيان، 1-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا 116 ئادەم قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 30 بالا، 32 ئايال بار ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 265 ئادەم يارىلاندى.
يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ تېلاۋىف، ئاسكالون ۋە ئېلاتتىن ئىبارەت ئۈچ شەھىرىدىكى مۇھىم نىشانلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق، قىزىل دېڭىزغا جايلاشقان ئامېرىكىنىڭ «خاررى ترۇمېن» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىغا يېڭى ھۇجۇم قوزغىدۇق، بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ خاماس بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن غەززەدە داۋاملىق «قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد