ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

غەززە ئۇرۇش توختىتىش ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-19 12:44

قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنداق دېدى: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ۋە ياراشتۇرغۇچى تەرەپلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، بۇ كېلىشىم غەززە ۋاقتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە كۈچكە ئىگە بولدى.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ۋىدېيولۇق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى «ۋاقىتلىق تەدبىر»، ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن «زۆرۈر تېپىلغاندا جەڭ مەيدانىغا قايتىش ھوقۇقى» نى ساقلاپ قالىدۇ ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا قويۇپ بېرىلىدىغان غەززە رايونىدا تۇتۇپ قىلىنغانلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا قويۇپ بېرىلىدىغان 33 كىشىنىڭ كۆپ قىسمى ھايات. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە غەززە بىلەن مىسىر ئارىسىدىكى «فىلادېلفىيە كارىدورى» دا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ، ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى ئازايتمايدۇ ھەمدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا ئەسكەر كۆپەيتىدۇ.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەززەدىكى تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى، غەززەدىكى ھەربىي نىشانلارغا داۋاملىق زەربە بېرىپ، خاماس ئىشلىتىۋاتقان ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلىمىز. ئەگەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇزۇلسا ياكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولغان 42 كۈن ئاخىرلاشقاندا كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئەمەلىيلەشمىسە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىسرائىلىيە چىقارغان قارارغا ئاساسەن ئۇرۇشنى «دەرھال» ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.
ئىسرائىلىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ھاسىل قىلىنغان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ 1-باسقۇچىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە 737 كىشىنى قويۇپ بېرىدۇ.
غەززە سەھىيە تارماقلىرى شۇ كۈنى چۈشتە بايانات ئېلان قىلىپ، 2023- يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 46 مىڭ 899 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 110 مىڭ 725 ئادەم يارىلاندى، دېدى. 
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

غەززە ئۇرۇش توختىتىش ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى

قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنداق دېدى: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىدىكى