قىسقا ۋىدېيو ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى سۇپىسى TikTok ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى
ئامېرىكا غەربىي قىسىم ۋاقتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 1 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە) TikTok ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەت ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئالاقىدار مۇلازىمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ، دېدى.
تىرامپ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەندە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ TikTok نى توختىتىپ قويماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى. تىرامپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بىر تۈرلۈك مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، TikTok نىڭ «بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كەسپىنى سېتىش، بولمىسا مەنئى قىلىش» قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدىكەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى TikTok نىڭ يۈرۈشىنى ساقلاشقا ياردەم بەرگەن ھەرقانداق شىركەت قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىكەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت