غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى، ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك قويۇپ بېرىلدى ھەمدە ئىسرائىلىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كۈچكە ئىگە بولدى. ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، غەززە رايونىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك خاماس تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە ئىسرائىلىيەگە يېتىپ بارغان.
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە كۈچكە ئىگە بولدى. ئەمما، ئىسرائىلىيە بىر مەھەل پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) تەمىنلىگەن پىلان بويىچە شۇ كۈنى قويۇپ بېرىلگەن تۇتۇپ قىلىنغانلار تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق، دەپ، كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتىنى نەچچە سائەت كېچىكتۈردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ توپچى قىسىملىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇرغۇن نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
خاماس ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى يەنىلا بومباردىمان قىلىۋاتقان بولغاچقا، خاماس پەقەت نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىپ تۇتۇپ قىلىنغانلارنىڭ ئىسمى ۋە ئورنىنى جەزملەشتۈرگەن، شۇڭا ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلغان.
شۇ كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خاماس تەمىنلىگەن تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ كىشىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىپ ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 11 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە كۈچكە ئىگە بولدى، دېدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ كېلىشىمدىكى بەلگىلىمە بويىچە غەززە چېگراسىنى بويلاپ بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قايتىدىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى.
پەلەستىن خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ ئەربابى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى رافا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق غەززە رايونىغا توشۇلۇشقا باشلىدى. خەۋەر بېرىلگەنگە قەدەر، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى قاچىلانغان 300 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل غەززە رايونىغا كىردى، بۇ ئەشيالار تېزدىن شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت