غەززەدە ئۇرۇش توختىغان ئىككىنچى كۈنى يەنىلا ئۆلۈم-يېتىم بولدى، خاماس مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى 2-تۈركۈمدە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى پىلانلىدى
1-ئاينىڭ 20-كۈنى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 1-باسقۇچى كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنىڭ 2-كۈنى، غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 24 سائەتتە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 23 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، ھازىر 10 مىڭ جەسەت غەززە خارابىلىكىدە كۆمۈلۈپ قالدى، ئىزدەش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىر باياناتىدا، پىلان بويىچە مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى غەززە رايونىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇسەي قوراللىقلىرى شۇ كۈنى، خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئۈچ باسقۇچى پۈتۈنلەي ئىجرا قىلىنغانغا قەدەر، ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك پاراخوتلارغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت