ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئاز دېگەندە سەككىز پەلەستىنلىكنى ئېتىۋەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەندىن بۇيان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېنىن مۇساپىرلار لاگېرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا بەش قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى: شۇ كۈنى سائەت 16گىچە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ جېنىن رايونىدا يولغا قويغان ھەربىي ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە سەككىز كىشى قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 35 كىشى يارىلاندى، دېدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى، دۆلەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى ۋە چېگرا ساقچى قىسمى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى جېنىندا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قوزغىشى تېررورلۇق تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى.
قاتار تەرەپ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر زىچ ماسلىشىپ، خادىملارنىڭ تىزىملىكى ۋە ئەڭ ئاخىرقى تەپسىلاتنى بېكىتىۋاتىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى: شۇ كۈنى جەمئىي 897 ياردەم ئاپتوموبىلى غەززە رايونىغا كىردى، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت