ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ ئاچقۇچلۇق ئەسلىھەلىرىگە توپ زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن بىر قىسىم زېمىنىنى ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-12 14:58
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ شۇ كۈنى سەھەردە قۇرۇقلۇقتىن، ھاۋادىن ۋە دېڭىزدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى يىراق مۇساپىلىك قوراللار ۋە ھۇجۇم قىلىش تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىپ، ئۇكرائىنا ھەربىي سانائەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى، ئۇكرائىنا ھەربىي ئايرودۇرۇمى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساقلاش ۋە قۇراشتۇرۇش ئورۇنلىرىغا توپ زەربە بەرگەنلىكىنى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يەنە دونېتسىك رايونىدىكى بىر ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئە كۈچى 57 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى توسۇۋالدى، خاركوف ئوبلاستىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئوبلاستلار ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، دېدى.
ئۇكرائىنا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، زاپوروژى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىككى توك يەتكۈزۈش سىمىنىڭ بىرى بۇزۇلۇپ، توك يەتكۈزۈش ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى پەقەت بىر توك يەتكۈزۈش سىمى ئارقىلىق ئۇكرائىنا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بىلەن تۇتىشىپ  تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇكرائىنا نېفىت تەبىئىي گاز شىركىتى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىدا بۇ شىركەتنىڭ پولتاۋا ئوبلاستىدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىدى، ئۆلۈم - يېتىم بولمىدى، شىركەت بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ ئوبلاستنىڭ تەبىئىي گاز تەمىناتىنى مۇقىملاشتۇرماقتا.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى: ئۇكرائىنا كونترول قىلىۋالغان رۇسىيەنىڭ كۇرسىك ئوبلاستىنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا رۇسىيە كونترول قىلىۋالغان قىسمەن زېمىننى ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىدى، دېدى. 
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ ئاچقۇچلۇق ئەسلىھەلىرىگە توپ زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن بىر قىسىم زېمىنىنى ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ ئاچقۇچلۇق ئەسلىھەلىرىگە توپ زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن بىر قىسىم زېمىنىنى ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىدى