خاماس ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى تەھدىت سۆزلىرىنى قوبۇل قىلمايمىز، دېدى
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماس 2-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، خاماس ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملىق ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى تەھدىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. خاماسنىڭ باياناتچىسى ھەزىم قاسىم: ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىكى ماددىلارنى ئىجرا قىلىشقا ۋەدە بەرگەندىلا، ئاندىن تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىدۇ، دېدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتىز 2-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنداق دېدى: ئەگەر خاماس 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرمىسە، دوزاخ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. قايتىدىن پارتلىغان ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ ھەمدە بۇ خاماس مەغلۇپ بولغۇچە شۇنداقلا تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگىچە داۋاملىشىدۇ.
قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: قېلىپ قالغان تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلىشى، غەززە خەلقى زوراۋانلىقتىن قۇتۇلۇشى ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشىشى كېرەك، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىش-قىلىنماسلىقىغا باغلىق.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن