رۇسىيە،ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭلىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفونلىشىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 2-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېفونلاشتى، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 2-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە ئىككى تەرەپنىڭ تېلېفونلىشىشى بىر يېرىم سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى، دېدى. پۇتىن تېلېفوندا ترامپقا ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. پۇتىن ترامپنى موسكۋادا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا «زىچ ھەمكارلىشىش»قا ھەمدە ئۆز كوللېكتىپىنى «دەرھال سۆھبەتنى باشلاش»قا ئەۋەتىشكە قوشۇلدى. ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنانىڭ بارلىق زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇكرائىنادا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. زېلېنسكىي مۇنداق دېدى: ترامپ تېلېفوندا پۇتىن بىلەن سۆزلەشكەندىكى تەپسىلاتلارنى ئېيتتى. ئۇكرائىنا بىلەن ئامېرىكا ئالاقىنى يەنىمۇ ساقلاشقا، كېيىنكى ئۇچرىشىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە قوشۇلدى. ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇمەروف شۇ كۈنى ئۇكرائىنا سۆھبەت ئارقىلىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن