رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۆمىكى تەشكىللەش خىزمىتىنى باشلىدى، ئۇكرائىنا: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان ھەرقانداق تىنچلىق سۆھبىتىنى قوبۇل قىلمايمىز، دېدى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-14 14:47
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 2-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكىنى ئۇكرائىنا مەسىلىسى سۆھبىتىدىكى ئاساسلىق رەقىبى دەپ قارايدۇ، ئۇكرائىنا چوقۇم مەلۇم ئۇسۇل بىلەن سۆھبەتكە قاتنىشىدۇ، لېكىن رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىلا ئىككى تەرەپلىك سۆزلىشىش ئۆتكۈزۈلىدۇ. كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ۋە بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا خىزمەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كېڭەيتىدۇ، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ قاچان ئۆزئارا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ، پۇتىن بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشقا نەچچە ھەپتە ھەتتا نەچچە ئاي تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئۆمىكى تەشكىللەش خىزمىتىنى باشلىدى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلىنسكىي 2-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا قاتناشمىغان ھەر قانداق ئىككى تەرەپلىك تىنچلىق سۆھبىتى» نى قوبۇل قىلمايمىز، ياۋروپادىكى ھەمراھلارمۇ بىر تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىدە پەيدا بولۇشى كېرەك.
ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان ھەرقانداق سۆھبەتكە ياۋروپانىڭ قاتناشمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە بارلىق تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ، دېدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت