خاماس غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز؛ قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ئەگەر ئامېرىكا غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىشنى تېزلەتسە، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىمىز، دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-14 14:49
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى غەززەدىكى بىر راكېتا بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئېلان قىلغان ۋىدېيودا كۆرسىتىلىشچە، بىر راكېتا بومبا شۇ كۈنى كەچتە غەززەدىن قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىگە چۈشمىگەن. بۇ ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن بۇيان راكېتا بومبىنىڭ تۇنجى قېتىم غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قويۇپ بېرىلىشى. ھازىر ھېچقانداق تەشكىلات بۇ قېتىمقى ۋەقەنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىمىدى.
خاماس 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: بۇندىن بۇرۇن ئىمزالانغان مەزمۇنغا ئاساسەن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز، جۈملىدىن ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرىمىز، دېدى. خاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى ياراشتۇرغۇچى تەرەپ مىسىر ۋە قاتار بىلەن سۆھبەتلەشتى، ياراشتۇرغۇچى تەرەپ ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئالاقىدار ئەھۋاللارغا داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ. 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەتىگەندە خاماس ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش سۆزلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا پايدىسىز، دېدى.
لىۋان خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نەبى بېررى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لىۋان ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان ئىسرائىلىيەنىڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم كەنتلىرىدىن چېكىنىشىگە يول قويۇش ئەمما يەنىلا بەش تايانچ پونكىتىنى ساقلاپ قېلىش تەلىپىنى ئېنىق رەت قىلدى.
يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ رەھبىرى ئابدۇل قۇسەي 2-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى: مەن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ياكى ئۇنىڭ ئالدى كەينىدە غەززەگە تاجاۋۇز قىلسا، قۇسەي قوراللىقلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى، دېڭىز ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى دەرھال ئۆستۈرىدۇ. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوغلاپ چىقىرىش پىلانىنى جاكارلىشى كۆپلىگەن كىشىلەرنى چۆچۈتتى ھەمدە كۈچلۈك ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى، چۈنكى ئۇنىڭ سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك مەيدانى ۋە ھەرىكىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت