نۇرغۇن دۆلەتلەر پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز زېمىنىدىن كۆچۈرۈشكە قارشى تۇردى، لىۋان-ئىسرائىلىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپ يىغىن ئېچىپ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-15 10:58
ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ياراشتۇرغۇچى تەرەپتىن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى خاماس تەمىنلىگەن 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇپ بېرىلىدىغان 6-تۈركۈمدىكى تۇتقۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى خاماس ئىسرائىلىيەنى قىسمەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ماددىلىرىنى نەقلەشتۈرمىدى دەپ ئەيىبلەپ، تۇتۇپ قېلىنغان بىر قىسىم ئىسرائىلىيە خادىملىرىنى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇپ بېرىشنى كېچىكتۈردىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 2-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنداق دېدى: ئەگەر خاماس 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرمىسە، ئۇرۇش توختىتىش ئاياغلىشىدۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى «كەسكىن جەڭ» نى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
پەلەستىننىڭ دىپلوماتىيە ۋە چىياۋمىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پەلەستىن دۆلىتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنلۇق ئورگىنى غەززە رايونىنى قانۇنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەر قانداق لايىھەنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، نۆۋەتتە ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا پەلەستىنلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىش بولماستىن، غەززە رايونىنى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇشى كېرەك. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنىلا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايلاردا ئۈزلۈكسىز جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا دەۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ غەززە رايونىدىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈشكە مەجبۇرلاش توغرىسىدىكى سۆزىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ پىلاننى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى. مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى مالايشىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا قارشى تۇرۇش مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە 1967- يىلىدىكى چېگرا ئاساسىدا شەرقىي ئېروسالىم پايتەخت قىلىنغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنىڭ بۇ رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى، لىۋان ئارمىيەسى، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسمىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا يىغىن ئېچىپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئىگىلىنىشچە، يىغىندا ئاساسلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشتىن بۇرۇنقى تېخنىكىلىق ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن يەنىلا بەش تايانچ نۇقتىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن لىۋاننىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى