ئۇكرائىنا رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلدى، دېدى، رۇسىيە بۇنى ئىنكار قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-15 11:00
شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ۋەيران بولغان 4-رېئاكتورىنىڭ مۇداپىئە گەۋدىسىگە ھۇجۇم قىلدى.
زېلېنسكىي مۇنداق دېدى: چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مۇداپىئە ئاكوپى بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ئوت ئۆچۈرۈلدى. زېلېنسكىي مۇنداق دېدى: ھۇجۇم شۇ كۈنى سەھەردە يۈز بەردى، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پارتلاتقۇچ بومبا ئېلىپ ماڭغان ئىكەن. نۆۋەتتە كۈزىتىلىشىچە، رادىياتسىيە ئەھۋالى تېخى كۆپەيمىگەن ھەمدە داۋاملىق كۈزىتىلىۋېتىپتۇ. دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، مۇداپىئە ئاكوپى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلمىدى، رۇسىيەنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ئالاقىدار ھەرقانداق ئەيىبلەش «ئىغۋاگەرچىلىك ۋە پاكىتنى بۇرمىلىغانلىق».
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى