61-نۆۋەتلىك مىيۇنخېن خەۋىپسىزلىك يىغىنى ميۇنخېندا ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-15 11:17
ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان 61-نۆۋەتلىك مىيۇنخېن خەۋىپسىزلىك يىغىنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا دۇنيا خەۋىپسىزلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، دۇنياۋىي ئىدارە قىلىش، كىلىمات بىخەتەرلىكى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە رايون توقۇنۇشى ۋە كىرىزىسى قاتارلىق قارالمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مىيۇنخېن خەۋىپسىزلىك يىغىنىغا تەخمىنەن 60 دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى، 150 مىنىستىر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان.
تەرجىمان: بەختىيار تۇردى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت