ۋەنس ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا ياۋروپانى سۆكتى، بارروۋ: ياۋروپا سىرتقى كۈچلەر تاڭغان ئەندىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ، دېدى
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ۋەنس 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دېموكراتىيە، كۆچمەنلەر قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ياۋروپانى ئەيىبلىدى، بۇ سۆز ياۋروپانى زىلزىلىگە سېلىپ، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى-سىرتىدا داۋاملىق ئەۋج ئالدى. فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بارروۋ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى: ياۋروپا سىرتقى كۈچلەر تاڭغان ئەندىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھېچكىم بۇ ئەندىزىنى ياۋروپاغا تاڭالمايدۇ، دېدى. گېرمانىيە زۇڭلىسى شولز 2-ئاينىڭ 15-كۈنى: سىرتنىڭ گېرمانىيەنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى مۇۋاپىق ئەمەس، گېرمانىيە سىرتنىڭ ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ، دېدى.
ميۇنخېندا 2-ئاينىڭ 15-كۈنى كۆپ قېتىم نامايىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، ھەربىيلەشتۈرۈش سىياسىتىگە قارشى تۇردى، غەرب ئەللىرىنىڭ ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى ئارقىلىق ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش ۋە رايون توقۇنۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقى ئەيىبلەندى.
ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى ئەزەلدىن ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم سۇپىسى بولۇپ كەلگەن، ھازىر ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى، سودا سىياسىتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى چىقىمى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى روشەن. تەھلىلچىلەر: ترامپ ھۆكۈمىتى ياۋروپاغا تېخىمۇ قاتتىق سودا تەدبىرى قوللىنىشى مۇمكىن، بۇ ياۋروپا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زەربە ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت