ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قېلىنغانلارنى 6-تۈركۈمدە ئالماشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-16 10:24

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتۇپ قېلىنغانلارنى 6-تۈركۈمدە ئالماشتۇردى. خاماس ئىسرائىلىيىنىڭ قاماقتىكى ئۈچ ئادىمىنى قويۇپ بەردى، ئىسرائىلىيە قاماقتىكى 369 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەردى.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە خەۋپسىزلىك يىغىنى ئاچتى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز ۋە سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشتى، نىتانىياخۇ كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى ئۇزارتىپ، ئەسلىدىكى 42 كۈنلۈك مۆھلەتتىن ئاشۇرۇپ، قاماقتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. خاماس 2-ئاينىڭ 15-كۈنى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ كېلىشتۈرگۈچى تەرەپ ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 2-باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى باشلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىفىئوپىيەدە 38- نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەلەستىن خەلقىنى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ھەرقانداق لايىھەنىڭ ھەممىسى خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق. پەلەستىن رەھبەرلىك قاتلىمى غەززەنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى غەززە خەلقىنىڭ شۇ جايدا قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قېلىنغانلارنى 6-تۈركۈمدە ئالماشتۇردى

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتۇپ قېلىنغانلارنى 6-تۈركۈمدە ئالماشتۇردى.