ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-17 17:53

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىئو بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ غەززە ۋەزىيىتى، ئىران قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ رۇبىئونىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغاندىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ئىكەن. نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: مەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە ھەمكارلىشىۋاتىمەن ۋە ماسلىشىۋاتىمەن، ئىككى تەرەپنىڭ «ئورتاق ئىستراتېگىيەسى» بار. نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) تۇتۇپ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بەرمىسە، ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىئو بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ غەززە ۋەزىيىتى،