ئىسرائىلىيە قاھىرەگە غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە ئۆمەك ئەۋەتىدۇ
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئىشخانىسى شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىتانىياخۇ 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كابىنېت يىغىنى ئېچىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. نىتانىياخۇ ئىسرائىلىيە سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىگە 2-ئاينىڭ 17-كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرەگە بېرىپ، خاماس بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق مەزمۇنىنى داۋاملىق يولغا قويۇش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، نىتانىياخۇ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىئو بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ بارلىق ھەرىكەت نىشانىنى يەنى ئاتالمىش «خاماسنى يوقىتىش»، «تۇتۇپ قىلىنغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىش» ۋە «غەززە رايونىنىڭ كەلگۈسىدە ئىسرائىلىيەگە تەھدىت سالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېىس 2-ئاينىڭ 16-كۈنى باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ قىلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالدى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنى ۋەدىسىگە رىئايە قىلىشقا دەۋەت قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئاچقۇچلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا رىئايە قىلىشقا يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت