خاماسنىڭ ھەربىي قوماندانى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) كونتروللۇقىدىكى ئاقسا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى: خاماسنىڭ ھەربىي قوماندانى مۇھەممەت شاشىن شۇ كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى شىدۇندا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلدى، دېدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ئېلان قىلغان باياناتتا بۇ ۋەقە ئىسپاتلاندى، ھەمدە شاشىن خاماسنىڭ مۇھىم ئاخبارات خادىمى، ئىلگىرى ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان كاتيۇشا ئوقى ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان ۋە سادىر قىلغان دېيىلدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت