رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى سۆھبەتتە ئۇكرائىنا مەسىلىسى سۆھبىتىنى قانداق باشلاشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى ئۇشاكوف 2-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبىتىدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى سۆھبىتىنى قانداق باشلاش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سۆھبىتى بولۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئىشىمۇ تەييارلىق باسقۇچىدا ئىكەن. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى: ئۇكرائىنا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-رۇسىيە سۆھبىتىگە قاتناشمايدۇ، شۇنداقلا ئۇكرائىنا قاتناشمىغان ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى ھەر قانداق كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت