چانكاي پورتىنىڭ كىرگۈزۈلگەن-چىقىرىلغان مال سوممىسى 292 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى
پېرۇدىكى چانكاي پورتى ئېچىلغان ئۈچ ئايدىن بۇيان، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 292 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. چانكاي پورتى «يېڭى دەۋردىكى ئىنكا قەدىمىي يولى» نىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
پېرۇ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2024-يىلى 11-ئايدا چانكاي پورتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىمپورت-ئېكسپورت مال ئومۇمىي سوممىسى 292 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىمپورت ئىلتىماسى 1901 پارچە بولۇپ، مال قىممىتى 140 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، كۆممىقوناق، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ؛ ئېكسپورت ئىلتىماسى 1240 پارچە بولۇپ، سوممىسى 139 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى لەنمېي، پالما مېيى، ئۈزۈم قاتارلىقلار بولۇپ، جۇڭگو، مېكسىكا، ئامېرىكا قاتارلىق جايلارغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. پورت ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تاموژنا كەسپى پورتقا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى.
پېرۇنىڭ پايتەختى لىمانىڭ شىمالىدىكى چانكاي قولتۇقىغا جايلاشقان چانكاي پورتى جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتىكى مۇھىم تۈرى، شۇنداقلا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئاقىل پورت ۋە يېشىل پورت.
چانكاي پورتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، پېرۇ بىلەن ئاسىيا ياكى ئوكيانىيە قىتئەسى ئارىسىدىكى كۆپ قىسىم ماللار ئالدى بىلەن ئوتتۇرا، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ئارقىلىق توشۇلاتتى. چانكاي پورتىدىن شاڭخەيگە بارىدىغان قوش يۆنىلىشلىك بىۋاسىتە سۇ يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئاسىيا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان يۈك توشۇش ۋاقتى 35 كۈندىن 25 كۈنگە قىسقاردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا