رۇسىيە-ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى سۆھبەتتە نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولۇش سەپىرىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىيادتا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. روسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف، روسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى ئۇشاكوف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى رۇبىئو، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى ۋالتز قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى. لاۋروف 2-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ مەيدانىنى «تېخىمۇ ياخشى» چۈشىنىشكە باشلىدى، ئىككى تەرەپ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى سۆھبىتى مۇساپىسىنى باشلاشقا قوشۇلدى. ئۇشاكوف شۇ كۈنى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا بىر ئالاھىدە گۇرۇپپا قۇرۇپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى بارلىق تەپسىلاتلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، دېدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە-ئامېرىكا سۆھبىتى تۆت يېرىم سائەت داۋاملاشقان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى «قول تۇتىدىغان مەسىلىلەر»نى ھەل قىلىش ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىش قاتارلىق تۆت جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ: سۆھبەتتىن كېيىنكى بىرىنچى قەدەمدىكى تەدبىر ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دېدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى: مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشىشىم مۇمكىن، دېدى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى: ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولۇش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، ئالاقىدار مۇساپىنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى سۆھبىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت