ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلاندى، ئامېرىكىنىڭ ئويۇنچۇق، توي مۇراسىمى قاتارلىق كەسىپلىرى تەننەرخنىڭ ئۆرلەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-22 15:00
ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى قالايمىقان يولغا قويدى، نۇرغۇن ئاپپارات ۋە مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ توختاپ قېلىش ھەتتا چېكىنىش خەتىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. مىچگان داشۆسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ كەلگۈسى بىر يىلدىكى پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى %6.7 كە يېتىپ، 3-ئايدىكى %5 تىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىكەن.
ئامېرىكا بېرىجېۋوتېر مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رېي دالىئو مۇنداق دەپ ھېسابلىدى، ئامېرىكا ئىقتىسادى چېكىنىشكە بەك يېقىنلىشىپ قالدى. ئەگەر مەسىلە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ زور سوممىلىق قەرزى، تاموژنا بېجى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار تەڭ تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكىدا چېكىنىشتىنمۇ ناچار ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
كۆزەتكۈچىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا 2025-يىلى 1-پەسىلدە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەنە بىر قېتىم كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تەسىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.
مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسى تەسىرگە ئۇچرىغاچقا، نىيۇيورك پاي بازىرىدىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. شۇ كۈنى بازار يېپىلغانغا قەدەر داۋ جونېىس سانائەت ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچى %2.48 تۆۋەنلىدى. ئۆلچەملىك پور 500 پاي چېكى كۆرسەتكۈچى %2.36 تۆۋەنلىدى.ناسداك ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى %2.55 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتە خىل ئاساسلىق پۇلغا بولغان ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى شۇ كۈنى %1.10 چۈشۈپ، پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئاخىرقى بازىرى %98.278 بىلەن يېپىلدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 99 ئۆتكەلدىن چۈشۈپ كەتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تاموژنا بېجى سىياسىتى نۇرغۇن ئامېرىكا كارخانىلىرىنى تەننەرخنىڭ ئۆسۈش بېسىمىغا دۇچار قىلدى. ئويۇنچۇق كەسپى ئامېرىكا تاموژنا بېجىنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان كەسىپلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا ئويۇنچۇق دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ۋە ئويۇنچۇق شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاموژنا بېجى سىياسىتى ئۇلارغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى ئامېرىكا قىممىتى 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان ئويۇنچۇق ئىمپورت قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 13 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان ئويۇنچۇق جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن. ئويۇنچۇقتىن باشقا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە كېرەكلىك توي كۆينىكى، شام ۋە تەكلىپنامە قاتارلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى جۇڭگودىن، ھاراق ياۋروپادىن ئىمپورت قىلىنىدىكەن، %80 گۈلمۇ ئىمپورت قىلىنىدىكەن. يۇقىرى سوممىلىق ئىمپورت تاموژنا بېجىغا قارىتا، ئامېرىكا توي مۇراسىمى كەسىپكارلىرى بەس-بەستە تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش كەسىپكارلار ۋە ئىستېمالچىلارنى بارغانسېرى يۇقىرى بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ، دېدى. 

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى 
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلاندى، ئامېرىكىنىڭ ئويۇنچۇق، توي مۇراسىمى قاتارلىق كەسىپلىرى تەننەرخنىڭ ئۆرلەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى

ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلاندى، ئامېرىكىنىڭ ئويۇنچۇق، توي مۇراسىمى قاتارلىق كەسىپلىرى تەننەرخنىڭ ئۆرلەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى