«مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-12 08:41
«مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى» نى تەبرىكلەش ئۈچۈن، «مەدەنىيلىكتە ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش» تېمىسىدىكى دۇنيا سۆزلىشىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى نىيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭگو، مىسىر، پېرۇ، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەدەنىيلىك ئىتتىپاقى بىرلىكتە «مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى خەلقئارا كۈنى» نى تەبرىكلەش باش تېمىسىدىكى سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو تەرەپ سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەدەنىيلىك باراۋەرلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مۇراتىنوس سۆزىدە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئالقىشلىدى، جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جارى قىلدۇرغان رەھبەرلىك رولى ۋە بەرگەن قەتئىي ۋەدىسىگە رەھمەت ئېيتتى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار «مەدەنىيلىكتە ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش»باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا