رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا قارشى تەرەپنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئىككى دۆلەت ئۇرۇشتا قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلغان جەڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن 24 سائەتتە، رۇسىيە ئارمىيەسى سۇمېي، خاركوف، دونېسىك، زاپولوژې، دنېپروپېتروۋسك، خېلسون قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى ھەمدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 1300 دىن ئارتۇق ئادىمىگە زەربە بەردى، تانكا، بىرونېۋىك ئۇرۇش ئاپتوموبىلى، زەمبىرەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن قورال-ياراغلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى ھەمدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئېلېكتىرونلۇق رازۋېدكا مەركىزىگە دەل جايىدا زەربە بەردى.
ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى شۇ كۈنى ئۇرۇش ئەھۋالى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى، ئۆتكەن بىر كۈندە ئالدىنقى سەپ رايونىدا 220 قېتىم ئۇرۇش يۈز بەردى. ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى ۋە توپچى قىسىم رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئادەم، قورال-ياراغ ۋە ھەربىي قورال-ياراغلار مەركەزلەشكەن رايونىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە زەمبىرەك سىستېمىسى، ئادەمسىز ئايروپىلان كونترول قىلىش نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى شۇنداقلا ئادەمسىز ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ رۇسىيەنىڭ بىر ئوق-دورا زاۋۇتىغا زەربە بەردى.
رۇسىيە سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى مېكىنسكى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بۇندىن بۇرۇن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، ئىككى تەرەپ قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىدى. شۇ كۈنى قازا قىلغان 1212 ئەسكەرنىڭ جەسىتىنىڭ ئۇكرائىناغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ھەمدە ئۇكرائىنادىن رۇسىيەدە قازا قىلغان 27 ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بېلگىيەنىڭ باش ۋەزىرى دېۋېف 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەنگلىيە ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ توڭلىتىلغان مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىپ، ئۇكرائىنانى قوللاش توغرىسىدىكى مۇراجىئەتنى رەت قىلدى. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مۈلۈكلەرنى بىۋاسىتە تۇتۇپ قېلىش بېلگىيە ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 3-دۆلەتنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۇلار بېلگىيە ياكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئۆز مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلىپ، ياۋروغا سىستېمىلىق تەھدىت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.
2022-يىلى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيگەندىن بۇيان، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ چېگرا ئىچىدىكى تەخمىنەن 200 مىليارد ياۋرولۇق مۈلكىنى توڭلاتتى، باش ئىشتابى بېلگىيەگە جايلاشقان ياۋروپا راسچوت بانكىسى بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم مۈلۈكنى ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ، قىممىتى تەخمىنەن 180 مىليارد ياۋرو كېلىدۇ. گەرچە بۇ ئۆسۈم ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مۈلۈكلەر تەسىرگە ئۇچرىمىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت