ھىندىستاننىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچراپ ئاز دېگەندە 265 ئادەم قازا قىلدى، ئايروپىلاندىكى 242 يولۇچىدىن پەقەت بىر ئادەم ھايات قالدى
مەنبەسى: |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-13 14:03
ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بوئېن 787-8 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئىشتاتىدىكى ئەھمەدئاباد ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى. ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە 265 ئادەم قازا قىلغان. يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى 242 ئادەمدىن پەقەت بىر ئادەم ھايات قالغان.
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، ھىندىستان خەلق ئاۋىياتسىيە مىنىستىرلىقى بۇ قېتىمقى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتى مۇنداق دېدى: چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەسلى ئەھمەدئاباد ئايرودۇرۇمىدىن ئەنگلىيەگە قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن. باش ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئايروپىلاندا جۇڭگولۇق يولۇچى يوق ئىكەن.
ئەنگلىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە تۆت كىشىدىن تەركىب تاپقان ئاۋىياتسىيە ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى ھىندىستانغا تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى. بۇ ئۆمەك 6-ئاينىڭ 13-كۈنى نەق مەيدانغا يېتىپ بارىدۇ. نۆۋەتتە ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى، دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە ئايروپىلان ئۇچۇش باسقۇچىدا نورمال بوشلۇققا كۆتۈرۈلمىگەن، قىسمەن ئۇچۇش قونۇش سىستېمىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
باش ئىستانسىسىمىز مۇخبىرى ۋاڭ جيەنبىڭ خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېدى: ئايروپىلان ئايرودۇرۇمغا ئانچە يىراق بولمىغان ئاھالىلەر رايونىغا چۈشۈپ كەتتى، بۇ يەردە ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان، تېببىي شۆيۈەنىنىڭ بىر ياتاق بىناسى بىۋاسىتە سوقۇلۇشتا ۋەيران بولدى، بۇنىڭدىن غايەت زور پارتلاش ۋە ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقتى. نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئايروپىلان پارچىلانغان پەيتتە قويۇق ئىس-تۈتەك پەلەككە يەتكەن، نۇرغۇن ئىمارەتلەر تەسىرگە ئۇچرىغان. ئۇزۇن مۇساپىگە ئۇچىدىغان بولغاچقا، ئايروپىلانغا كۆپ مىقداردا يېقىلغۇ ماي قاچىلانغان بولۇپ، بۇ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنكى پارتلاش ۋە ئوت ئاپىتىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئايروپىلان كۆيۈپ كەتكەندىن كېيىنكى ئايروپىلان پارچىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن، يەنە بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرى ۋە شەخسىي بۇيۇملىرىمۇ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدان ئەتراپىغا چېچىلىپ كەتكەن.
ئايروپىلاننىڭ A11 ئورۇندۇقىدىكى بىر يولۇچى مۆجىزىلەرچە ھايات قالغان. ۋىدىيودا ئۇنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلدى. ھايات قالغۇچى 30 ياشلار چامىسىدىكى ئەر بولۇپ، ئۇ: «ئۇچۇپ 30 سېكۇنتتىن كېيىن، قاتتىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، ئاندىن ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى» دېدى. ئۇنىڭ كۆكرەك قىسمى ۋە يۈز قىسمى يارىلانغانىدى.
ھىندىستان ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئايروپىلان باشلىقى ۋە ياردەمچى ئۇچقۇچىنىڭ ئايرىم-ئايرىم 8200 ۋە 1100 سائەت ئۇچۇش تەجرىبىسى بار ئىكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھىندىستان دۆلەتلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش قىسمى ۋە يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى، ساقچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. نۇرغۇن جىددىي قۇتقۇزۇش مەركەزلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، نۇرغۇن جەسەتلەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان.
ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامىت شاھ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئايروپىلاندا 125 مىڭ لىتىرغا يېقىن يېقىلغۇ بولۇپ، ھىندىستان ئاۋىياتسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئايروپىلاندىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە زور مىقداردىكى يېقىلغۇ ماي سەۋەبىدىن، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش پۇرسىتى قالمىغان. ئايروپىلاندىكى 242 يولۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىۋاتىمىز، DNA تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قازا قىلغانلار تىزىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ.
ھازىر ھىندىستان ئاۋىياتسىيەسى جىددىي ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئالاقە مەركىزى قۇردى ھەمدە تەكشۈرۈشكە ماسلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بوئېن شىركىتى بۇنىڭغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە تېخنىكا ئەترىتىنى ھەمكارلىشىشقا ئەۋەتتى. ئەنگلىيەمۇ ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت