ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئۆزئارا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ئىراننىڭ غەربىگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى كەچتە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر قانچە سائەت ئىچىدە، ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 60 ئۇرۇش ئايروپىلانى تېھراننىڭ 20 نەچچە ھەربىي نىشانىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئۆتكەن بىر كۈندە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قوزغىغان ئۈچىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمى. بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا، ئىسرائىلىيە 50 نەچچە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ تېھران رايونىدىكى تەخمىنەن 40 نىشانغا زەربە بەردى، بۇ بىر سېنترىفۇگ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە بىر تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن باشلاندى، تېھران رايونىدا يەنە 20 نەچچە نىشان ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ مۇھىم ئەسلىھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تېل ئاۋىۋ قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى. ئىران 6-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيەگە «ھەقىقىي ۋەدە-3» ھەرىكىتى بويىچە 12-قېتىم زەربە بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىسرائىلىيەگە «لاي-تاش» ناملىق تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىسرائىلىيە - ئىران توقۇنۇشىدىن بۇيان، ئىراننىڭ تۇنجى قېتىم «لاي-تاش» ناملىق تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىسرائىلىيەگە زەربە بېرىشى.
ئىسرائىلىيە ئارقىدىن ئىران بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا تەخمىنەن بەش تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى، ھەممىسى ئوڭۇشلۇق توسۇۋېلىندى، بۇ جايدا ھازىرچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، دېدى.
ئىراندا 6-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە تور ئۈزۈلۈپ قالدى. ئىران ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ خەۋەرلىشىش تورىنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلەتكەنلىكتىن، ئىران ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقى ئابۇنىتلارنىڭ ئىران چېگراسى ئىچىدە تورغا چىقىشىنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇندىن باشقا ئىران تور خەۋپسىزلىكى قوماندانلىق ئىشتابى شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ بانكا تورىغا كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى قوزغاپ، ئىران تەۋەسىدىكى ئىككى بانكىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئۈزۈپ قويغان. ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇ كۈنى كەچتە تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش سىگنالىنىڭ كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىران داۋاملىق تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇقىملىقنى ساقلىدى. ئالدىنقى سەپتىكى مۇخبىرنىڭ نەق مەيداننى كۆزىتىشىچە، نۆۋەتتە ئىران تور بوشلۇقىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇرغۇن يول ئېغىزلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى تەسىس قىلغان ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر، بولۇپمۇ خەۋەرلىشىش تېرمىنالىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتقان. بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر ئېنىقكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ توردىن پايدىلىنىپ ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.
سىرتقا قارىتىلغان ھەربىي تەييارلىق جەھەتتە، ئىران بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى رايونلار بويىچە كۆپ قېتىم، ئاز مىقداردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان ئىدى. تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشچە، بۇ خىل ئۇرۇش ئۇسۇلى بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك ۋە پىسخىكا قاتلىمىدا بېسىم ئىشلىتىشكە پايدىلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى خورىتىپ، قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ھەددىدىن ئارتۇق بېسىم ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ، ئىراننىڭ كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە تېخىمۇ پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران جاكارلىغان «جازالاش خاراكتېرلىك قايتۇرما زەربە» دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، ئىران تۇنجى قېتىم تۇنجى ئەۋلاد «فاتاخ» ناملىق تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلەتتى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەمدە ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىغا ئىراننىڭ قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچى توغرىسىدا ئېنىق سىگنال بەردى.
سىرتتىكىلەر ئىران ئەمدى زەربە بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشى ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تۈرى ۋە ھۇجۇم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى مۇمكىن دەپ قارىدى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە توقۇنۇش يەنىمۇ كۈچىيىدىكەن.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 6-ئاينىڭ 18-كۈنى نۆۋەتتىكى ئىسرائىلىيە-ئىران توقۇنۇشى ھەققىدە: ئامېرىكا ئۇرۇش توختىتىش ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى «ئۈزۈل-كېسىل غەلىبە قىلىش»، يەنى «ئىراننىڭ يادرو قورالى يوق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، دېدى، لېكىن ئۇ يەنە «كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار» دېدى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 18- كۈنى كەچتە ئامېرىكىنىڭ ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ترامپنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزلىرى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى