رۇسىيە ئۆتكەن بىر كۈندە رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ 234 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى، دېدى؛ ئۇكرائىنا ئۆتكەن بىر كۈندە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن خادىملىرى، قورال ـ ياراغ ۋە ھەربىي جابدۇقلار مەركەزلەشكەن رايونغا ھۇجۇم قىلدۇق، دېدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-20 11:10
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان جەڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن بىر كۈندە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ 152 رايونىدىكى ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرى، ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇراشتۇرۇش سېخى، ئوق-دورا ئىسكىلاتى قاتارلىقلارغا زەربە بېرىپ، 234 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر كۈندە ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى ۋە توپچى قىسىم رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئادەم، قورال-ياراغ ۋە ھەربىي جابدۇقلار مەركەزلەشكەن رايون، بىر يۈرۈش زەمبىرەك سىستېمىسى ۋە بىر قوماندانلىق ئورنىغا ھۇجۇم قىلدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت