ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ جەمئىي 480 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توستۇق، دېدى. ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردۇق، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-20 11:11
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغاندىن بۇيان، ئىران چېگراسى ئىچىدىن قويۇپ بېرىلگەن 480 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى توسقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ھەربىي قورال-ياراغ قاچىلانغان 14 ئايروپىلان ئامېرىكىدىن ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كەلگەن.
ئامېرىكا ئاق سارايدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىران مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ. ھازىر ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئالاقىسى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسزلىك كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان باراۋەر ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇشنى قارار قىلدۇق، ئەگەر ئۈچىنچى تەرەپ ئارىلاشسا، ئىران بەلگىلەنگەن لايىھەگە ئاساسەن دەرھال ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دېدى.
ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسمى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ تېلاۋىف ۋە خەيفادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق ھەربىي نىشانلارغا زەربە بەردى، ئۇندىن باشقا ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم ھەربىي سانائەت مەركەزلىرىگىمۇ زەربە بەردى. ئىران مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز ھەمدە «ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش»نى يېتەكچى قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي نىشانلىرى ۋە ھەربىي سانائەت كەسپىگە داۋاملىق زەربە بېرىمىز.
ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران 6-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىسرائىلىيەگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىغان، ئىسرائىلىيەگە تەخمىنەن 30 تىرىياكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان، ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان. ئىسرائىلىيە جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى «قىزىل داۋىد قالقىنى»نىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە 40 نەچچە ئادەم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا يارىلانغان، يەنە 18 ئادەم پاناھلىنىش ئورنىغا قېچىش يولىدا يارىلانغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى ۋولك تۇرك 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران تەۋەسىدە داۋاملىق كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىشى، شۇنداقلا ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىشى پۇقرالارغا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تەسىرى پەيدا قىلدى ھەمدە بۇ پۈتكۈل رايوننى ئۇرۇش ئوتى ئىچىگە ئىتتىرىشى مۇمكىن.
شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 119 جۇڭگو پۇقراسى مىسىرنىڭ جەنۇبىي سىناي ئۆلكىسىنىڭ تابا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەدىن مىسىر تەۋەسىگە چېكىنگەن. جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ئىسرائىلىيەدىن چېكىنگەنلەر 117 جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئىككى شياڭگاڭلىق قېرىنداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئۇلار قاھىرەگە يۆتكىلىدىكەن.


تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ جەمئىي 480 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توستۇق، دېدى. ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردۇق، دېدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ جەمئىي 480 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توستۇق، دېدى. ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردۇق، دېدى