رۇسىيە-ئۇكرائىنا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-21 10:21
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 6-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە يەنە بىر قېتىم ئەسىرلەرنى ئالماشتۇردى، ئالماشتۇرۇلغان ئۇكرائىنالىق تۇتقۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇىلىۋاتقىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقانىدى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرغانلىقىنى دەلىللىدى. رۇسىيە يەنە، ئەگەر ئۇكرائىنا قوبۇل قىلسا، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تەخمىنەن 3000 ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالايدۇ، دېدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









