ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى «ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتتى»، دېدى؛ ئىران ئىسرائىلىيەگە قاراتقان 19-قېتىملىق ھۇجۇمنى باشلىدۇق، دېدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن 60 كۈرەشچى ئايروپىلانى شۇ كۈنى كەچتە ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىغا بىر قاتار ھۇجۇم قىلدى، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى «ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇلدى»، ئۇنىڭ ھازىرقى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى باشلىغان چاغدىكىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە، ئىران 1000 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەردى، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئىسرائىلىيە چېگراسى سىرتىدا توسۇۋېلىندى، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى «بۇ مىسلىسىز نەتىجە» دەپ قارىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئىراننىڭ 950 ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنى ئىسرائىلىيىگە قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن پاچاقلاپ تاشلاشقا تەييارلىق قىلدى. ئىران تەرەپ بۇنىڭغا ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ 200 دىن ئارتۇق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلغان، بۇ ئىسرائىلىيە-ئىران توقۇنۇشىدىن بۇرۇنقى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى سانىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.
ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ باياناتچىسى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان 19-قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ نەچچە سائەت ئىلگىرى باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى كەچتە زور تۈركۈمدىكى ھۇجۇمچى ۋە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش شەكلىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئۇدا نەچچە سائەت ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىن جەنۇبىي قىسمى ۋە ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يۆتكەلدى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.
ئىران غەربىي قىسىم ھاۋا مۇداپىئە قىسمىنىڭ قوماندانى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، ئۆزى مەسئۇل بولغان رايوندا ئىسرائىلىيەنىڭ 12 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قىسمى تەرىپىدىن قوغلاپ زەربە بېرىلگەنلىكىنى ھەمدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 8 ئايروپىلان پارچىسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىشتابىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: ئىسرائىلىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان، گەرچە بىر قىسىم ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىران تەرەپ ئىزچىل تىرىشىپ رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردى ياكى ئالماشتۇردى، دېدى.
ئىران ھاتەم ئەنبىيا مەركىزىي قوماندانلىق شتابىنىڭ باياناتچىسى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران قوراللىق قىسمىنىڭ ئاخباراتىغا قارىغاندا، گەرچە ئىسرائىلىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار، ئەڭ قىممەت باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئىگە ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ئىران قوراللىق قىسمىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمىنىڭ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشى ئارقىسىدا، ئۇنىڭ رادار ۋە مۇداپىئە ئىقتىدارى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، ھازىر ئوق-دورا ۋە قورال-جابدۇق كەمچىل. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئىران تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇپ: ئىسرائىلىيەگە ھەربىي قورال-ياراغ ياكى رادار سىستېمىسى يەتكۈزۈپ بەرگەن ھەرقانداق دۆلەت ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا قاتناشقان دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ئىران قوراللىق قىسمىنىڭ قانۇنلۇق ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇ، دېدى. ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇنىڭغا ۋاقتىنچە ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئىران ئارمىيەسى شۇ كۈنى: ئۆتكەن ئىككى كۈندە ئىسرائىلىيەگە تۈرلۈك تىپتىكى نەچچە ئون ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بېرىلدى، كۆپ ساندىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشانغا تەگدى، دېدى.
باش ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردە ئىگىلىشىچە، ئىران شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىر گۇماندارنىڭ تەبرىزدا ئىسرائىلىيە بىلەن ئالاقىسى بار دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ گۇماندارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەمدە مەخپىي ئۇچۇر ئالماشتۇرغانلىقى بايقالغان. ئىران مازاندىران ئىران ئىنقىلابى قۇغدىنىش قىسمىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت تارمىقى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ: شۇ جايدىكى ئىران ئىنقىلابى قۇغدىنىش قىسمى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، موسادنىڭ بىر جاسۇسى ئۆزى يوشۇرۇنغان جايدا قولغا ئېلىندى، دېدى.
يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرى ئالىي سىياسىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەھدى ماشاد 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە: قۇسەي قوراللىقلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقىنى بايقىدى ھەمدە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يەتكۈزدى، دېدى. ئۇ يەنە قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان بارلىق دۆلەتلەرگە ھەرىكەت قوللىنىپ زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن ئىلگىرى، يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلسا، بۇ تەشكىلات قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، دېگەن ئىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا