ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىرانغا بەش قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى؛ ئىران ئامېرىكىنىڭ قاتاردىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا زەربە بەردۇق، دېدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى ئەتىگەندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىرانغا بەش قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، تەخمىنەن 200 دانە ئوق-دورا تاشلاپ، ئىراننىڭ غەربىي، شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئالتە ئايرودۇرۇمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىراننىڭ 15 كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە ھۇجۇمچى تىك ئۇچارىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە ئىراننىڭ فوردور يادرو ئەسلىھەسى ئەتراپىدىكى رايونلارغا زەربە بەردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت بۇ ئەسلىھەگە كىرىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ كېرمانشاھتىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، يەردىن يەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ۋە ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلدى.
شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى خەلق ئاممىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: كەلگۈسى بىر قانچە كۈندە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تېھران رايونىدىكى ھەربىي نىشانلارغا داۋاملىق ھۇجۇم قوزغايدۇ، دېدى، تېھران ئاممىسىدىن ئىران ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قورال-ياراق ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى، ھەربىي بازا ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىن يىراق تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئىران شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق ئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بەردى، دېدى.
ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىران قوراللىق قىسمى بايانات ئېلان قىلدى، باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئىراننىڭ تىنچلىق يادرو ئەسلىھەلىرىگە ئاشكارا ھەربىي تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە خەلقئارا قانۇنغا روشەن خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن، ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ پىلانلىشى ۋە قوراللىق قىسمىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىران ئامېرىكىنىڭ قاتاردىكى ئۇدەيد ھەربىي بازىسىغا كۈچلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ بازا ئامېرىكىنىڭ غەربىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك مۈلكى. ئىران قوراللىق قىسمىنىڭ كەسكىن ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا يەتكۈزگەن ئۇچۇر شۇكى، ئىران ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارغا قاراپ تۇرمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئىران قوراللىق قىسمى: ھەر قانداق خاتالىق ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي ئاپپاراتىنىڭ تېزدىن گۇمران بولۇشىنى ھەمدە ئاخىرىدا غەربىي ئاسىيا رايونىدىن قېچىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى.
ئامېرىكا ئەمەلدارى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران قىسقا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قاتاردىكى ئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپ خادىملىرىدىن ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقى ھەققىدە دوكلات يوق. بۇنىڭدىن باشقا ئىراننىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر يوق.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا