ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 58 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئىران ھۆكۈمىتى ئالاھىدە قانۇن خىزمىتى گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى
پەلەستىن تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 58 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر مەكتەپ ئەتراپىدىكى كىشىلەر توپىنى بومباردىمان قىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 20 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە 9 بالا بار. غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رافا رايونىدىكى بىر ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىش نۇقتىسى ئەتراپىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوققا تۇتۇشىدا ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئادەم قازا قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كۆپلىگەن مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەردىن جىددىي چېكىنىشنى تەلەپ قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ رايونلاردىكى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ۋەيران قىلماقتا ھەمدە راكىتا بومبا قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىلگەن بارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە تەرەپ يەنە 6-ئاينىڭ 27-كۈنى غەززە شەھىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خاكام ئەيسانى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەيسا خاماس ھەربىي تارمىقىنىڭ يادرولۇق ئەربابى بولۇپ، غەززە رايونىدىكى ھەربىي يىغىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن.
لىۋان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە 6-ئاينىڭ 28-كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئىككى قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلىشى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ بىر قوماندانى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان. بۇ قوماندان يېقىنقى توقۇنۇشتا ئىسرائىلىيە چېگرىسى ئىچىگە تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل بولغان ئىكەن.
ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا 6-ئاينىڭ 28-كۈنى داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننىڭ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشىدا قازا قىلغان 60 نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك گېنىرال، يادرو ئالىمى، ئاخبارات خىزمەتچىسى ۋە ئاياللار، بالىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى. ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇمىنى مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئۇلارنىڭ ۋەدىسىگە پەقەت ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىران قوراللىق قىسمى يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ھەرقانداق يامان نىيەتلىك ھەرىكەت ياكى ۋەدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارغا كەسكىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
ئىراننىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مەجىد ئەنسارى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى: ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھەربىي تاجاۋۇز قىلىش، ئىراننىڭ زېمىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئىراننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سېلىش، ئىران ھەربىي تەرەپ ۋە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرى ۋە يادرو ئالىملىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ئىران پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئالاقىدار قانۇن ئىشلىرى بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە قانۇن خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا