ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

غەززە رايونى تاراتقۇ ئىشخانىسى: 580 كىشى «ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە» ياردەم مەركىزىدىن يېمەكلىك ئېلىۋاتقاندا قازا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-07-02 16:35

شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، غەززە رايونىدىكى تاراتقۇ ئىشخانىسى 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى «ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە» ياردەم بېرىش مەركىزى ئىشقا كىرىشكەندىن بۇيان، بۇ «ئۆلۈم تۇزىقى» دىن يېمەكلىككە ئېرىشمەكچى بولغاندا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلگەن، يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەن پۇقرالارنىڭ سانىنى ئېلان قىلدى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 580 كىشى قازا قىلغان، 4216 كىشى يارىلانغان، 39 كىشى يوقاپ كەتكەن.
ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇنىڭغا ۋاقتىنچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى شۇ جاينى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىگە ئۇچراتتى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئىسرائىلىيە 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئاز مىقداردىكى قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى، بىراق ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە قوللىغان «غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك فوند جەمئىيىتى» ئارقىلىق ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىشنى تەلەپ قىلدى.
پەلەستىن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ فوند جەمئىيىتى ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىش ئورنىنى ئاساسلىقى غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوت كۈچى كونترول قىلىش دائىرىسىگە تەسىس قىلغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىش ھوقۇقىغا چەك قويغان. نۇرغۇن خەلقئارا ياردەم بېرىش ئورگانلىرى بۇ فوند جەمئىيىتىنىڭ ياردەم بېرىش ئورنى تەسىس قىلىشى ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ سانى غەززە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى، كىشىلەرنى خەتەر ئىچىدە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ماددىي ئەشيالارغا ئېرىشىشكە مەجبۇر قىلدى، دەپ تەنقىد قىلدى. ئامېرىكا «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە: غەززەدە يېمەكلىك ئىزدەشتە «ئەجەللىك خەۋپ» مەۋجۇت، دېيىلدى.
يېقىندىن بۇيان، نۇرغۇن تاراتقۇلار «غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى جەمئىيىتى» ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىش ئورنى ئەتراپىدا ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەردى، ھەمدە بۇنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قىلدى، دېدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاز دېگەندە 31 پۇقرا 6-ئاينىڭ 1-كۈنى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافا رايونىدا ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىشنى كۈتۈپ تۇرغاندا ئوققا تۇتۇلۇپ قازا قىلغان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئوق چىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئەمما، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، نەق مەيداندىكى ۋىدىيودا كۆرسىتىلگەن ئوقنىڭ ئېتىلىش سۈرئىتى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان ئوقتىن قارىغاندا، ھۇجۇم قورالى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال-ياراغلىرىغا ماس كېلىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى «غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى جەمئىيىتى» گە ئالاقىدار بىر پارچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا: ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىش ئورنىدا «ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى نەچچە ئون كىشى ھاياتىدىن ئايرىلماقتا ۋە يارىلانماقتا»، دەپ كۆرسەتتى. ئىسرائىلىيە «دۆلەت زېمىنى گېزىتى» 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن نامسىز ئەسكىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ساقلاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە «قەستەن» ئوق چىقاردى، دەپ خەۋەر بەردى. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ ئالاقىدار ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى فىلىپ رازالىنى: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە يېتەكچىلىكىدىكى ياردەم تۈرى ئۈمىدسىزلەنگەن غەززە خەلق ئاممىسىنى ھاقارەتلىدى، بۇ بىر «ئۆلۈم تۇزىقى»، ئۇ «كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ئۇ قۇتقۇزغان ھاياتتىنمۇ كۆپ»، دېدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

غەززە رايونى تاراتقۇ ئىشخانىسى: 580 كىشى «ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە» ياردەم مەركىزىدىن يېمەكلىك ئېلىۋاتقاندا قازا قىلدى

شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، غەززە رايونىدىكى تاراتقۇ ئىشخانىسى 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى «ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە» ياردەم بېرىش مەركىزى ئىشقا كىرىشكەندىن