ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردىكى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-10 15:17

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردىكى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغدىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
رۇسىيە ئاقىللار ئامبىرى «ۋالداي» خەلقئارا مۇنازىرە كۇلۇبى تۈرىنىڭ مۇدىرى بورداچېۋ مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ھازىر بىز تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، بۇ تەشەببۇس دۇنياغا قوشۇلغان زور تۆھپە.
جەنۇبىي ئافرىقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت كېڭىشىنىڭ ۋەكىلى نىكولاۋ مۇنداق دېدى: بىز قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى باشتىن - ئاخىر قوللايمىز، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ئافرىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ھىندىستاننىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش تەتقىقاتى ئالىمى ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، بۇنداق دۇنياۋىلىشىش بارلىق كىشىلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرىدۇ.
نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان كېسەك ئالتۇن روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
بىرازىلىيە باسىلىيا داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتشۇناسلىق پىروفېسسورى راماللو مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئىنتايىن ئىجابىي، بۇ تەشەببۇس ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى ھەمكارلىق يولى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
كۇبا خەلقئارا سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى رېگادو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، كرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان خەلقئارا تەرتىپنى ئىستراتېگىيىلىك تاقابىل تۇرۇش لۇشيەنى بىلەن تەمىنلىدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيىسى يۈكسەك دەرىجىدە جىپسىلاشقان بولۇپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردىكى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردىكى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغدىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.