ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا ھاۋادىن زىچ ھۇجۇم قىلدى، قاتار غەززە توقۇنۇشىنى داۋاملىق ياراشتۇرىمىز، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-15 15:35

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى غەززە رايونىدىكى ھۇجۇمىدا 45 پۇقرا قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 32 ئادەم غەززە شەھىرىدە قازا قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى غەززە شەھىرىدىكى ئۈچ ئېگىز ئىمارەتكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدۇق، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن «تارقاقلاشتۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇشى» چىقاردۇق، دېدى. باياناتتا يەنە: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن جايلاردا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ھەمدە تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى ۋەيران قىلدى، دېيىلدى.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى (خاماس) كونتروللۇقىدىكى غەززە رايونىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ھەمدە يېقىنقى بىر قانچە كۈندە ھۇجۇمنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر غەززەنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى، دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن، نەچچە مىڭلىغان غەززەلىكلەر نائىلاج غەززەدىن پىيادە ئايرىلدى، ئىچىملىك سۇ، يېمەكلىك ۋە چېدىر ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولدى، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى داۋاملىق يامانلاشتى.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھازىر 300 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك غەززە شەھىرىدىن چېكىنىپ چىققان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرىدىكى تەخمىنەن بىر مىليون ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
قاتارنىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى مۇھەممەد 9-ئاينىڭ 14-كۈنى: قاتار غەززە رايونىدىكى توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ياراشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېدى. ئەرەب ئىسلام دۆلەتلىرى جىددىي باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش يىغىنى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دوخادا ئېچىلدى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن دىپلوماتىيە مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى قاتارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قارىتا بىر بايانات لايىھەسى ھاسىل قىلىپ، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەرەب ئىسلام دۆلەتلىرى جىددىي باشلىقلار يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش بولدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىغا ھاۋادىن زىچ ھۇجۇم قىلدى، قاتار غەززە توقۇنۇشىنى داۋاملىق ياراشتۇرىمىز، دېدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ 9-ئاينىڭ 14-كۈنى غەززە رايونىدىكى ھۇجۇمىدا 45 پۇقرا قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 32 ئادەم غەززە شەھىرىدە قازا قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى